تەرجىمە خەۋەرلەر

لوگوی کانال تلگرام terjime — تەرجىمە خەۋەرلەر
7,172
موضوعات از کانال:
Конго
خطای
ئىتالىيە
سری
Nato
ترکی
ئاۋسترالىيە
طالبان
ئامېرىكا
رۇسىيە
Covid
ئافغانىستان
ئەنگلىيە
تین
ۋېنگرىيە
پاکستان
ھىندىستان
ئێران
ياپونىيە
سید
ئافرىقا
فرانسىيە
ئىسرائىلىيە
گېرمانىيە
پەلەستىن
قرض
دائىش
ترکستان
Ядро
Lan
ئۇيغۇر
ماراكەش
Канада
ياۋروپا
آیت
گرىتسىيە
پورتۇگالىيە
مېكسىكا
ساغلاملىق
All tags

آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 993
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0

آخرین پیام ها

2021-09-03 13:28:24 #ساغلاملىق: بېھىنىڭ شىپالىق رولى
بېھىنىڭ مېۋىسىنى خام ئىستىمال قىلىشقا، پولوغا بېسىپ يېيىشكە ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولغاندىن باشقا، يەنە تېبابەتچىلىكتىنمۇ مۇھىم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بېھىنىڭ تۈرى ۋە سورتلىرى، مەسىلەن ئالمىسىمان بېھى، نەشپۈتسىمان بېھى، مۇنارسىمان بېھى، كۆك بىھى، قاپاق بېھى، ئاق بېھى، قارا بېھى قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. بېھى مېۋىسى چۈرۈك، تاتلىق، خۇشپۇراق بولۇپ، تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، نىترات كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ئاقسىل، ياغ، قەنت ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلار، كاروتىن، ۋىتامىن قاتارلىقلار ئىنتايىن مول بولۇپ، بېھى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك شىپالىق ئەھمىيەتكە ئىگە. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نېرۋىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېڭە نېرۋا ياللۇغى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرسە مۇسكۇللار بوشىشىپ، ئاسانلا كۈچىدىن قېلىش، بەدەندە تىترەك پەيدا بولۇش، پۇت قوللارنىڭ سېزىمى ئاجىزلاش،، ئەتراپ نېرۋىلىرى ياللۇغلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇ قېچىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرسە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە تېز مەنپەئەت قىلىدۇ. تولۇق ۋايىغا يېتىپ پىشقان بىھىنى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، قىزىق ھالەتتە ئىستىمال قىلىپ بەرسە، زۇكام ۋە يۆتەلگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. بېھىنى شەربەت ياكى مۇراببا قىلىپ ئىستېمال قىلسا بۆرەك ئاجىزلىق، خەفەقان، يۈرەك ئېغىش، سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان، جىگەر ئاجىزلىق، ئۇسسۇزلۇق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ۋە روھىي كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بېھىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، بۇنداق چاغدا بېھى مۇرابباسىنى ئارپا بەدىيان بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا زەھەرنى كېسىدۇ. بېھى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ماغدۇرسىزلىق، روھسىزلىقنى تۈگىتىش، سۈيدۈكنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەتنى بەش يۈز گرام سۇدا ئىككى يۈز گرام قالغۇچە قاينىتىپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىق ۋە قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرلىك شامالدارىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر بېھى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، بېھى ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، بېھىنى شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ، مۇراببا ياساپ ياكى ھەسەل، ئارپا بەدىيان قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بېھى مۇرابباسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۈچەي جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. بېھى دەرىخىنىڭ چېچىكى بىلەن شەربەت ياكى گۈلقەنت ياساپ ئىستېمال قىلسا، مېڭە، يۈرەك، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: تور دۇنياسى
| https://t.me/terjime
393 views10:28
باز کردن / نظر دهید
2021-08-31 23:59:22 #ساغلاملىق: بېھىنىڭ شىپالىق رولى

491 views20:59
باز کردن / نظر دهید
2021-08-30 21:53:57 #COVID-19
يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرى جەنۇبى #ئافرىقا ۋە ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەردە بايقالدى. بۇ قېتىم ئۆزگەرگەن تۈرنىڭ ئىسمى C.1.2 دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىلگرى بايقالغان دېلتا (Delta) ۋە ئەسلىدىكى تۈرگە قارىغاندا ئۆزگىرىشى تېخىمۇ چوڭ ۋە ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. بۇ خىل ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈرى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىدا بايقىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا #ئەنگلىيە، #خىتاي، #كونگو جۇمھۇرىيىتى، #ماۋرىتۇس يېڭى #زېلاندىيە، #پورتۇگالىيە ۋە #شىۋىتسارىيە دە بايقالدى. جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى تېخىمۇ ئاسان يۇقىدىغان ۋە ۋاكسىنىغا قارشى تۇرالايدىغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.
يېڭى تۈر C.1.2 ئەڭ دەسلەپتە 2021-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيەدە بايقالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇنى 1-ئايدا بايقالغان C.1 دىن تەرەققىي قىلىپ چىققان دەپ قارىغان. دەسلەپتە بۇ تۈرنىڭ ھەر ئايدىكى تارقىلىش نىسبىتى %0.2 بولغان بولۇپ، 6-ئايغا كەلگەندە %1.6 بولغان. 7-ئايدا بولسا %2 بولغان. بۇ تەرىپى ئۆزىدىن ئىلگرىكى بېتا (Beta) ۋە دېلتا (Delta) ناملىق تۈر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
| https://t.me/terjime
1.2K views18:53
باز کردن / نظر دهید
2021-08-30 20:57:08
#ئىتالىيە مىلان شەھىرىگە جايلاشقان بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايون بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
| https://t.me/terjime
621 views17:57
باز کردن / نظر دهید
2021-08-30 20:53:59 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى #يادرو كۆزىتىش ئورگىنى: شىمالىي #كورىيە (#چاۋشيەن) ھازىر يادرو قورالى ماتېرىيالى پلۇتونىي ئىشلەپچىقىرىدىغان يادرو رېئاكتورىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
| https://t.me/terjime
34 views17:53
باز کردن / نظر دهید
2021-08-30 20:45:01 #ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا جايلاشقان ھامىد كارزائىي خەلقئارالىق ئايرودورمىغا مەنبەسى ئېنىق بولمىغان راكېتا ئوقى چۈشتى. ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم-يېتىم ۋە ماددىي زىيان ھەققىدە دوكلات بېرىلمىدى.
| https://t.me/terjime
80 views17:45
باز کردن / نظر دهید
2021-08-30 20:40:46 #خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالتە ياش ۋە يەتتە ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يازمىچە ئىمتىھان ئېلىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ياشتىكى كىچىك بالىلاردىن يازمىچە ئىمتىھان ئېلىش بالىلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ».
| https://t.me/terjime
99 views17:40
باز کردن / نظر دهید
2021-08-30 13:05:15 #ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدە يۈز بەرگەن #ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى ھۇجۇمىدا ئالتە نەپەر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز پۇقرا قازا قىلدى.
| https://t.me/terjime
421 views10:05
باز کردن / نظر دهید
2021-08-29 22:44:29 #COVID-19
#دانىيە ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەرنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
| https://t.me/terjime
308 views19:44
باز کردن / نظر دهید
2021-08-29 22:30:21
#ئامېرىكا لۇئىزىئانا شىتاتىدا ئېغىر تروپىك بەلۋاغ بورىنىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن نەچچە مىڭ ئاھالىلىك يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىم لۇئىزىئانا شىتاتىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان بوران ئۆتكەن 150 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بوران ھېسابلىنىدىكەن.
| https://t.me/terjime
321 views19:30
باز کردن / نظر دهید