Get Mystery Box with random crypto!

#ياپونىيە تويوتا شىركىتى بۇ يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت م | ⚠️

#ياپونىيە تويوتا شىركىتى بۇ يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان ۋاسكېتبول ماشىنا ئادىمىنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، بۇ ماشىنا ئادەم ئاتقان توپنى دەل جايىغا چۈشۈرەلەيدىكەن. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئىسمى CUE بولۇپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىرغا قەدەر سىناق تەرىقىسىدە گارغا ئۇدا 2020 قېتىم توپ چۈشۈرگەن. بۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بۇ ماشىنا ئادەم ئۈچ توپ ئېتىپ ھەممىسىنى نەق كىرگۈزگەن. مەزكۇر ماشىنا ئادەم ئۆزىدىكى سېنزورلارغا تاينىپ گارنىڭ ئارىلىقى، ئېگىزلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدىكەن ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىپ مۇناسىپ ھالدا كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق توپنى دەل كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يېتىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مۇزىكىسى بار.
| https://t.me/terjime