Get Mystery Box with random crypto!

#ياۋروپا ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇچۇر سىستېمىسى (EFFIS)نىڭ ستاتىستى | ⚠️

#ياۋروپا ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇچۇر سىستېمىسى (EFFIS)نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوت ئاپەتلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا ئىكەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئورمان ئوت ئاپىتى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن دۆلەتلەر:

#ئىتالىيە: 53 مىڭ 797 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ 781 گېكتار بولغان ئىدى.

#فرانسىيە: 22 مىڭ 807 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 620 گېكتار بولغان ئىدى.

#رومىنىيە: 18 مىڭ 620 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ 82 گېكتار بولغان ئىدى.

#بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا: 25 مىڭ 583 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ 199 گېكتار بولغان ئىدى.

#كانادا: تۆت مىڭ 576 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. بۇ سان ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە قىممەتنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
| https://t.me/terjime