Get Mystery Box with random crypto!

#ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچى | ⚠️

#ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ #تالىبان غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى #ئافغانىستان ۋەزىيىتى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش، بېرىلگەن شۇنچە كۆپ قۇربانلىقلارغا قارىماستىن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تالىباننى چېكىندۈرۈشتە مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئافغانىستان سىياسىيونلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. تۆۋەندە بىر بۆلەك تەرجىمە قىلىندى (جو بايدېننىڭ سۆزى):
مەن بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ئەمەلىي رېئاللىقتىن چوڭقۇر قايغۇردۇم، لېكىن مەن ئافغانىستان زېمىنىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى چىقارغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن.
مەن ئۆز ئەسكەرلىرىمىزدىن چەتئەلدىكى ئايىغى چىقمايدىغان ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلمايمەن ۋە ئۇنداق قىلالمايمەن.
مەن ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان سايلانغان تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى. ئىككى پرېزىدېنت دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، ئىككىسى بولسا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن. مەن بۇ (چەتئەلدىكى ئۇرۇش) مەسئۇلىيەتنى ئەمدى بەشىنچى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتقا ئۆتكۈزۈپ بەرسەم بولمايدۇ.
| https://t.me/terjime