Get Mystery Box with random crypto!

#خىتاي بىلەن #رۇسىيە ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى كۆۋرۈك | ⚠️

#خىتاي بىلەن #رۇسىيە ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى كۆۋرۈك ياسىلىپ پۈتتى. بۇ كۆۋرۈك خىتاي خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى توڭجىياڭ شەھىرى بىلەن رۇسىيە نىژلېنىنسكوۋا بازىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئامۇر دەرياسى ئۈستىگە سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ شىمالىدىكى تۆمۈر يول تورى رۇسىيەنىڭ سىبېرىيە رايونىغىچە تۇتىشىدىكەن.
بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2215 مېتىر بولۇپ، يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. كۆۋرۈكنىڭ 1886 مېتىر قىسمىنى خىتاي تەرەپ ياساپ چىققان بولۇپ، قالغان قىسمى رۇسىيە تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن.
| https://t.me/terjime