Get Mystery Box with random crypto!

ئامېرىكىدا ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق ھاۋار | ⚠️

ئامېرىكىدا ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق ھاۋارايى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل ھاۋارايى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان شىمالىي داكوتا شىتاتى، جەنۇبىي داكوتا شىتاتى، مىننېسوتا شىتاتى، ئىئوۋا شىتاتى ۋە نېبراسكا شىتاتى قاتارلىق جايلارغا ئىنتايىن ئېغىر بولغان بولۇپ، تەخمىنەن %64 پىرسەنت بۇغداينىڭ ھوسۇلى كەملەپ كەتكەن، ئۆتكەنكى ئوخشاش مەزگىلدە بولسا ئاران %6 بولغان ئىدى.
نۆۋەتتە كالىفورنىيە شىتاتى، ئارىزونا ئىشتاتى، نېۋادا شىتاتى، مونتانا شىتاتى ۋە ۋاشىنگتون شىتاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىسىمدىكى توققۇز ئىشتاتتا %95.6 رايون قۇرغاقچىلىق ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى %54.9 ئىدى بولغان ئىدى. %64.6 رايون ئىنتايىن قۇرغاق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قۇرغاق ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئاران %4.5 ئىدى.
#ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كۆممىقوناق، بۇغداي ۋە پۇرچاقنىڭ ئىسىكلاتتىكى مىقدارى 2013-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. دۇنيادىكى ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
| https://t.me/terjime