Get Mystery Box with random crypto!

#COVID-19 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يېڭى | ⚠️

#COVID-19
يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرى جەنۇبى #ئافرىقا ۋە ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەردە بايقالدى. بۇ قېتىم ئۆزگەرگەن تۈرنىڭ ئىسمى C.1.2 دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىلگرى بايقالغان دېلتا (Delta) ۋە ئەسلىدىكى تۈرگە قارىغاندا ئۆزگىرىشى تېخىمۇ چوڭ ۋە ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. بۇ خىل ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈرى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىدا بايقىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا #ئەنگلىيە، #خىتاي، #كونگو جۇمھۇرىيىتى، #ماۋرىتۇس يېڭى #زېلاندىيە، #پورتۇگالىيە ۋە #شىۋىتسارىيە دە بايقالدى. جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى تېخىمۇ ئاسان يۇقىدىغان ۋە ۋاكسىنىغا قارشى تۇرالايدىغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.
يېڭى تۈر C.1.2 ئەڭ دەسلەپتە 2021-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيەدە بايقالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇنى 1-ئايدا بايقالغان C.1 دىن تەرەققىي قىلىپ چىققان دەپ قارىغان. دەسلەپتە بۇ تۈرنىڭ ھەر ئايدىكى تارقىلىش نىسبىتى %0.2 بولغان بولۇپ، 6-ئايغا كەلگەندە %1.6 بولغان. 7-ئايدا بولسا %2 بولغان. بۇ تەرىپى ئۆزىدىن ئىلگرىكى بېتا (Beta) ۋە دېلتا (Delta) ناملىق تۈر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
| https://t.me/terjime