Get Mystery Box with random crypto!

#ساغلاملىق: بېھىنىڭ شىپالىق رولى بېھىنىڭ مېۋىسىنى خام ئىستىمال | ⚠️

#ساغلاملىق: بېھىنىڭ شىپالىق رولى
بېھىنىڭ مېۋىسىنى خام ئىستىمال قىلىشقا، پولوغا بېسىپ يېيىشكە ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولغاندىن باشقا، يەنە تېبابەتچىلىكتىنمۇ مۇھىم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بېھىنىڭ تۈرى ۋە سورتلىرى، مەسىلەن ئالمىسىمان بېھى، نەشپۈتسىمان بېھى، مۇنارسىمان بېھى، كۆك بىھى، قاپاق بېھى، ئاق بېھى، قارا بېھى قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. بېھى مېۋىسى چۈرۈك، تاتلىق، خۇشپۇراق بولۇپ، تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، نىترات كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ئاقسىل، ياغ، قەنت ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلار، كاروتىن، ۋىتامىن قاتارلىقلار ئىنتايىن مول بولۇپ، بېھى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك شىپالىق ئەھمىيەتكە ئىگە. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نېرۋىلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېڭە نېرۋا ياللۇغى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرسە مۇسكۇللار بوشىشىپ، ئاسانلا كۈچىدىن قېلىش، بەدەندە تىترەك پەيدا بولۇش، پۇت قوللارنىڭ سېزىمى ئاجىزلاش،، ئەتراپ نېرۋىلىرى ياللۇغلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇ قېچىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. دائىم بېھى ئىستېمال قىلىپ بەرسە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە تېز مەنپەئەت قىلىدۇ. تولۇق ۋايىغا يېتىپ پىشقان بىھىنى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، قىزىق ھالەتتە ئىستىمال قىلىپ بەرسە، زۇكام ۋە يۆتەلگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. بېھىنى شەربەت ياكى مۇراببا قىلىپ ئىستېمال قىلسا بۆرەك ئاجىزلىق، خەفەقان، يۈرەك ئېغىش، سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان، جىگەر ئاجىزلىق، ئۇسسۇزلۇق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ۋە روھىي كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بېھىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، بۇنداق چاغدا بېھى مۇرابباسىنى ئارپا بەدىيان بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا زەھەرنى كېسىدۇ. بېھى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ماغدۇرسىزلىق، روھسىزلىقنى تۈگىتىش، سۈيدۈكنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەتنى بەش يۈز گرام سۇدا ئىككى يۈز گرام قالغۇچە قاينىتىپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىق ۋە قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرلىك شامالدارىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر بېھى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، بېھى ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، بېھىنى شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ، مۇراببا ياساپ ياكى ھەسەل، ئارپا بەدىيان قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بېھى مۇرابباسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۈچەي جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. بېھى دەرىخىنىڭ چېچىكى بىلەن شەربەت ياكى گۈلقەنت ياساپ ئىستېمال قىلسا، مېڭە، يۈرەك، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: تور دۇنياسى
| https://t.me/terjime