آدرس کانال:
دسته بندی ها:
اخبار
زبان: فارسی
مشترکین:
4
توضیحات از کانال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime
Ratings & Reviews
Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.
5 stars
0
4 stars
0
3 stars
2
2 stars
0
1 stars
0
آخرین پیام ها 13
2021-06-26 13:39:25
#سۈرىيە ھاما ۋىلايىتى غاب تۈزلەڭلىكى ئالدىنقى سەپ رايونىغا ئورۇنلاشقان #رۇسىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ۋە ئەسەد ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداپىئە نۇقتىلىرى B9 تىپلىق زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلىندى.
| https://t.me/terjime
280 views10:39
2021-06-26 13:25:26
#سۈرىيە ھەسەكە ۋىلايىتى تەل ھەلف رايونىغا جايلاشقان بىر كالا بازىرىدا ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ ماددا پارتلاپ مەلۇم دەرىجىدە قۇرۇلۇشلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
| https://t.me/terjime
289 views10:25
2021-06-26 12:56:49
#ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى #ئافغانىستان باغلان ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. بۇ ۋەقە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غانى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن كۆرۈشۈشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى يۈز بەردى.
| https://t.me/terjime
307 views09:56
2021-06-26 12:42:50
#پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان: ئەگەر #تالىبان #ئافغانىستان زېمىنىنى كونترول ئاستىغا ئالسا، ئۇ ھالدا پاكىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستان بىلەن بولغان بارلىق چېگرانى تولۇق تاقايدۇ.
| https://t.me/terjime
314 viewsedited 09:42
2021-06-26 12:36:40
ئاقساراي: #دائىش قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن #ئامېرىكا ئۆزىنىڭ #سۈرىيە نىڭ شىمالىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
| https://t.me/terjime
310 views09:36
2021-06-26 12:22:55
#ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى ئانتونى بلىنكېن: ئەگەر #ئىران مۇشۇ ھەپتە ۋاقتى توشىدىغان #يادرو كۆزىتىش كېلىشىمنامىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا تىرىشمىسا، ئۇ ھالدا ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە «خەۋپ» پەيدا بولىدۇ.
| https://t.me/terjime
322 views09:22
2021-06-26 11:35:15
#ئامېرىكا فلورىدا شىتاتى مىئامى شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى تۆتكە، يوقاپ كەتكەنلەر 159 قا يەتتى.
| https://t.me/terjime
448 views08:35
2021-06-26 11:14:05
#ئىران كاراج رايونىغا جايلاشقان ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەلۇم دەرىجىدە ماددىي زىيان كۆرۈلدى. #ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
357 views08:14
2021-06-26 11:04:22
#COVID-19
#خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا ۋەدە قىلغان 500 مىڭ كىشىلىك ۋاكسىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغاندىن كېيىن #ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي #تۈركىستان رايونىدىكى ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىپ كەتتى.
| https://t.me/terjime
359 views08:04
2021-06-26 09:17:37
تەنھەرىكەت كىيىمى ماگناتى نايكى (Nike) باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە #خىتاي تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
434 views06:17