Get Mystery Box with random crypto!

⚠️

لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️ T
لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️
آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 4
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0


آخرین پیام ها 2

2021-08-29 22:23:06 #يەمەن لاھىج ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئەل-ئەنەد ھاۋا ئارمىيە بازىسى #شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندىمۇ 30 نەپەر ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى، 60 تىن ئارتۇقى يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
335 views19:23
باز کردن / نظر دهید
2021-08-28 13:29:29
#ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئۆتكەن ئۈچ كۈن ئىچىدە دۇڭخەي دېڭىزى ۋە مىياكو بوغۇزىغا يېقىنلاشقان #خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىگە تەۋە ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنى توسۇۋالدى.
| https://t.me/terjime
643 viewsedited  10:29
باز کردن / نظر دهید
2021-08-28 12:50:01
#ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى #ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدىن ئۆز گراژدانلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنىڭ بۈگۈن ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە قوراللىق قىسىم باش مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بارلىق كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قادىر بولالماسلىقىمىز بىزنى تولىمۇ ئۆكۈندۈردى.
| https://t.me/terjime
640 views09:50
باز کردن / نظر دهید
2021-08-28 12:45:47 #ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان پلاستىك تەخسە، قوشۇق ۋە ئىستاكان قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
578 views09:45
باز کردن / نظر دهید
2021-08-28 12:09:55 #ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى ئىشلىتىپ #ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارالىق ئايرودروم سىرتىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەپەر #دائىش قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
575 views09:09
باز کردن / نظر دهید
2021-08-28 11:26:07
594 views08:26
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 22:47:56 #رۇسىيە يېكاتېرنبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان بەش قەۋەتلىك بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
| https://t.me/terjime
601 viewsedited  19:47
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 18:33:29 #COVID-19
پۈتۈن دۇنيا بويىچە %32.2 ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم ئەملەتتى. %24.2 ئادەم تولۇق ئەملەتتى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۆت مىليارد 880 مىليون ۋاكسىنا ئەملەندى. ھازىر كۈنىگە 35 مىليون 880 مىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىۋاتىدۇ. نامرات دۆلەتلەردىكى ئاران %1.3 ئادەم بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملەتتى.
ۋاكسىنا ئەملەشتە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر:
#خىتاي: بىر مىليارد 830 مىليون قېتىم،
#ھىندىستان: 567 مىليون قېتىم،
#ئامېرىكا: 360 مىليون قېتىم،
#برازىلىيە: 174 مىليون قېتىم،
#ياپونىيە: 116 مىليون قېتىم،
#گېرمانىيە: 99 مىليون قېتىم،
#ئەنگلىيە: 88 مىليون 600 مىڭ قېتىم،
#تۈركىيە: 87 مىليون 200 مىڭ قېتىم،
#ھىندونېزىيە: 86 مىليون 400 مىڭ قېتىم،
#فرانسىيە: 82 مىليون 400 مىڭ قېتىم.
| https://t.me/terjime
628 views15:33
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 18:01:19
#ئەرمېنىيە دۆلەتلىك مەجلىسى زالىدا ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۆز ئارا ئۇرۇشۇپ كەتتى. نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ قانۇن تۈزگۈچىسى #ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مەغلۇبىيەتلىك جەڭ ھەققىدە توختالغاندا سابىق مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى "خائىن، ساتقىن" دەپ تىللاپ ھاقارەتلىدى.
| https://t.me/terjime
839 views15:01
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 15:45:57 #سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ھەلەب شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئالدىنقى سەپ رايونىغا جايلاشقان ئەسەد ياللانما كۈچلىرى نۇقتىلىرى مىناميوت بىلەن بومباردىمان قىلىندى.
| https://t.me/terjime
599 views12:45
باز کردن / نظر دهید