Get Mystery Box with random crypto!

⚠️

لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️ T
لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️
آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 4
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0


آخرین پیام ها 8

2021-08-16 23:41:48
#ھايتى دا يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش كەڭ كۆلەملىك ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ نۇرغۇنلىغان ئۆي-ئىمارەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ئاپەت سەۋەبلىك بىۋاستە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بىر مىڭ 300 نەپەردىن ئېشىپ كەتتى. قۇتقۇزۇش ئەترىتى خارابىلىق ئاستىدىن قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى كولاپ ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تالاپەت ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
| https://t.me/terjime
501 views20:41
باز کردن / نظر دهید
2021-08-16 06:10:01
#پەلەستىن پايتەختى قۇددۇس شەھىرى سىرتىغا جايلاشقان بىر تاغدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
| https://t.me/terjime
412 views03:10
باز کردن / نظر دهید
2021-08-16 06:05:43
#لىۋان ئاككار رايونى ئەل-تەلىل بازىرىدا بىر يېقىلغۇ توشۇش ئاپتوموبىلى پارتلاپ ئاز دېگەندىمۇ 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 70 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
404 views03:05
باز کردن / نظر دهید
2021-08-16 05:56:21 ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى Jack Posobiec تۋىتتېردا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:
#ئامېرىكا 20 يىلدىن بېرى 88 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ #ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈردى. لېكىن ئۇ (ھۆكۈمەت ئارمىيەسى) بىر ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تولۇق مەغلۇپ بولدى.
| https://t.me/terjime
413 views02:56
باز کردن / نظر دهید
2021-08-14 22:13:34
570 views19:13
باز کردن / نظر دهید
2021-08-14 22:06:09 #تالىبان نىڭ پايتەخت كابۇل شەھىرىگە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ #ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى يەرلىك خەلق رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن جىددىي يىغىن ئاچتى.
| https://t.me/terjime
548 views19:06
باز کردن / نظر دهید
2021-08-14 22:01:51
#ياپونىيە نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە قارا يامغۇر يېغىپ نۇرغۇن يەرلەرنى كەلكۈن بېسىۋالدى. تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
| https://t.me/terjime
546 views19:01
باز کردن / نظر دهید
2021-08-14 19:04:28 #ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا تۇرۇشلۇق #ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خىزمەت بىناسىنىڭ #تالىبان نىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ بارلىق ھۆججەتلەر ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنى پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى.
| https://t.me/terjime
545 views16:04
باز کردن / نظر دهید
2021-08-14 06:01:11
#ياۋروپا ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇچۇر سىستېمىسى (EFFIS)نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوت ئاپەتلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا ئىكەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئورمان ئوت ئاپىتى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن دۆلەتلەر:

#ئىتالىيە: 53 مىڭ 797 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ 781 گېكتار بولغان ئىدى.

#فرانسىيە: 22 مىڭ 807 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 620 گېكتار بولغان ئىدى.

#رومىنىيە: 18 مىڭ 620 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ 82 گېكتار بولغان ئىدى.

#بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا: 25 مىڭ 583 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. ئۆتكەن 12 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ 199 گېكتار بولغان ئىدى.

#كانادا: تۆت مىڭ 576 گېكتار ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولدى. بۇ سان ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە قىممەتنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
| https://t.me/terjime
600 views03:01
باز کردن / نظر دهید
2021-08-13 21:08:23 #خىتاي ۋە #رۇسىيە بايانات ئېلان قىلىپ #ئافغانىستان دا كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
573 views18:08
باز کردن / نظر دهید