آدرس کانال:
دسته بندی ها:
اخبار
زبان: فارسی
مشترکین:
4
توضیحات از کانال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime
Ratings & Reviews
Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.
5 stars
0
4 stars
0
3 stars
2
2 stars
0
1 stars
0
آخرین پیام ها 7
2021-08-17 15:05:28
#رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە IL-112V (Ил-112В) تىپلىق يېڭى يۈك توشۇش ئايروپىلانى پايتەخت موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاندىكى ئۈچ نەپەر ئايروپىلان خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.
| https://t.me/terjime
488 views12:05
2021-08-17 14:54:25
#ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت مورىسون: ھۆكۈمىتىمىز ئۆز ۋاقتىدا ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچلىرىمىزگە ياردەم بەرگەن #ئافغانىستان كىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىپ بولالمايدۇ، ئۆزىمىزنىڭ خاس تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىمىز بار.
| https://t.me/terjime
464 viewsedited 11:54
2021-08-17 14:48:20
#ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى غەربىي جەنۇبتىكى رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
| https://t.me/terjime
463 views11:48
2021-08-17 14:22:33
#ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ #تالىبان غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى #ئافغانىستان ۋەزىيىتى، ئەسكەر چېكىندۈرۈش، بېرىلگەن شۇنچە كۆپ قۇربانلىقلارغا قارىماستىن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تالىباننى چېكىندۈرۈشتە مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئافغانىستان سىياسىيونلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. تۆۋەندە بىر بۆلەك تەرجىمە قىلىندى (جو بايدېننىڭ سۆزى):
مەن بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ئەمەلىي رېئاللىقتىن چوڭقۇر قايغۇردۇم، لېكىن مەن ئافغانىستان زېمىنىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى چىقارغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن.
مەن ئۆز ئەسكەرلىرىمىزدىن چەتئەلدىكى ئايىغى چىقمايدىغان ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلمايمەن ۋە ئۇنداق قىلالمايمەن.
مەن ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان سايلانغان تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى. ئىككى پرېزىدېنت دېموكراتلار پارتىيەسىدىن، ئىككىسى بولسا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن. مەن بۇ (چەتئەلدىكى ئۇرۇش) مەسئۇلىيەتنى ئەمدى بەشىنچى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتقا ئۆتكۈزۈپ بەرسەم بولمايدۇ.
| https://t.me/terjime
995 views11:22
2021-08-17 13:59:01
#تالىبان بىلەن #ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ ئايلىق زېمىن تېررىتورىيەسى ئۆزگىرىش ئەھۋالى.
| https://t.me/terjime
475 views10:59
2021-08-17 13:54:23
#خىتاي دۆلەتلىك خەۋەر قانىلى: #ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ #ئافغانىستان زېمىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى #تەيۋەن ئۈچۈن يېتەرلىك بىر دەرس ھېسابلىنىدۇ.
| https://t.me/terjime
480 views10:54
2021-08-17 13:35:47
#خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى #تەيۋەن دېڭىزى ئەتراپىدا ھاۋا ۋە دېڭىز مانىۋېرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھەربىي تەرەپ يەنە بۇ قېتىملىق ھەربىي مانىۋېرنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق ئارمىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى مۇداخىلە ۋە ئېغىۋاگەرچىلىككە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي ۋە كەسكىن ئىنكاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
499 views10:35
2021-08-17 13:21:38
#تەيۋەن باش مىنىسىتىرى: تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا ھەرگىزمۇ #ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش گۇمران بولمايدۇ، #خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى فانتازىيەلىك خىيالىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.
| https://t.me/terjime
492 views10:21
2021-08-17 00:00:42
#ياپونىيە دە قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايى داۋاملاشماقتا. ئوكايا شەھىرى ئەتراپىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن لاتقىلىق ئېقىن كۆرۈلۈپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ تۆت ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى ئادەم يوقاپ كەتتى.
| https://t.me/terjime
543 views21:00
2021-08-16 23:50:15
#ئامېرىكا ئەسكەرلىرى پايتەخت كابۇل خەلقئارالىق ئايرودرومىدا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇۋاتقان چاغدا ئايرودروم سۇپىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن #ئافغانىستان پۇقرالىرىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ بىر قانچە نەپەر پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
| https://t.me/terjime
513 views20:50