آدرس کانال:
دسته بندی ها:
اخبار
زبان: فارسی
مشترکین:
4
توضیحات از کانال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime
Ratings & Reviews
Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.
5 stars
0
4 stars
0
3 stars
2
2 stars
0
1 stars
0
آخرین پیام ها 4
2021-08-25 15:24:00
#تالىبان ھۆكۈمىتى تاجاۋۇزچى #ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىگە ياردەملىشىپ تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
| https://t.me/terjime
516 views12:24
2021-08-25 15:15:02
#رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىنى تاشلاپ قاچقان #ئافغانىستان پۇقرالىرىنى رۇسىيەگە كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
520 views12:15
2021-08-25 15:11:05
#تالىبان ھۆكۈمىتى #ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاگاھاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ۋە #ئەنگلىيە قوراللىق كۈچلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەت (31-ئاۋغۇست)تىن بۇرۇن #ئافغانىستان زېمىنىدىن چىقىپ كەتمىسە، ئۇ ھالدا بىز قايتۇرما تەدبىر قوللىنىمىز، 31-ئاۋغۇست بولسا بىر قىزىل سىزىق.
| https://t.me/terjime
518 views12:11
2021-08-24 16:02:02
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ئەئزاز شەھىرىدە ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىلمىدى.
| https://t.me/terjime
628 views13:02
2021-08-24 15:56:18
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ئافرىن شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
| https://t.me/terjime
616 views12:56
2021-08-24 15:51:03
#ئامېرىكا تېننېسسى شىتاتىدا ئېغىر قارا يامغۇر تەسىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 22 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى.
| https://t.me/terjime
565 views12:51
2021-08-24 15:46:42
#ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە گېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 2010-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، #ئافغانىستان زېمىنىدىكى تۆمۈر، مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك مىنېرال ماددىلارنىڭ زاپىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۆلچەرلەنگەن قىممىتى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ناۋادا بۇ تەبئىي بايلىقلار قېزىپ چىقىلسا ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئىگە قىلىدىكەن.
| https://t.me/terjime
825 viewsedited 12:46
2021-08-24 15:40:21
#سەئۇدى ئەرەبىستانى مەككە-جىددە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا يېقىلغۇ توشۇپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن باشقا ئاپتوموبىل ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ئوت كەتتى. ئاز دېگەندىمۇ 30 ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتتى.
| https://t.me/terjime
581 views12:40
2021-08-22 12:58:18
#ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كابۇل ئايرودرومىدىكى #ئافغانىستان پۇقرالىرىغا ئوراپ قاچىلانغان چوشقا گۆشى تاشلاپ بەرگەنلىكى ئىنتېرنېتتا تارقالدى. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئايرودۇرۇمدىكى ئافغانلارنىڭ 95 پىرسەنتى ئىنگلىزچە ئوقۇشنى ياكى سۆزلەشنى بىلمەيدىكەن.
| https://t.me/terjime
724 views09:58
2021-08-22 12:41:39
#ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى #ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىنى قوغداشقا ياردەملەشكەن ئافغانىستانلىققا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى.
| https://t.me/terjime
345 views09:41