Get Mystery Box with random crypto!

⚠️

لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️ T
لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️
آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 4
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0


آخرین پیام ها 6

2021-08-19 22:49:45 #ھايتى دا يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭغا قاتتىق ياغقان قارا يامغۇر قوشۇلۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى.
| https://t.me/terjime
414 views19:49
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 22:43:25 #NATO
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg): NATO قوراللىق كۈچلىرى #ئافغانىستان زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ساۋاق ئالدى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بۇنچىۋالا تېز سۈرئەتتە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى بولسا بىر تىراگېدىيە.
| https://t.me/terjime
401 views19:43
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 22:30:01
#ئامېرىكا كالىفورنىيە ۋە ئورېگون شىتاتلىرىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرىتى.
| https://t.me/terjime
407 views19:30
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 22:25:45
#ياۋروپا نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ئوت ئاپىتى داۋاملىق كۈچەيمەكتە. #فرانسىيە، #پورتۇگالىيە، #ئىسپانىيە، #مونتېنېگرو، #گرىتسىيە ۋە #رۇسىيە قاتارلىق دۆلەت رايونلار بىلەن چەكلىنىپلا قالماستىن يەنە #ماراكەش، #ئىسرائىلىيە، #ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
| https://t.me/terjime
419 views19:25
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 18:10:00 #ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى #ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: خەلقىمىز #ئامېرىكا چىقارغان ئاقماس قارار ئۈچۈن بەدەل تۆلىسە بولمايدۇ.
| https://t.me/terjime
479 views15:10
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 18:05:00
سابىق #ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى 169 مىليون #ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلنى ئېلىپ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن #تاجىكىستان دا تۇرۇشلۇق ئافغانىستان ئەلچىخانىسى خەلقئارالىق ساقچىلار (Interpol) دىن ئەشرەف غەنىنى دۆلەت خەزىنىسىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
| https://t.me/terjime
848 views15:05
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 17:57:59
#سىبېرىيە رايونىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا. ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 40 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دائىرە كۆيۈپ كەتتى. بۇ كۆلەم #گرىتسىيە، #تۈركىيە، #ئامېرىكا ۋە #كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئوت ئاپىتى يەنە ئەتراپىتىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا مۇھىتىغىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
| https://t.me/terjime
476 views14:57
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 17:21:03 سابىق #ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە #خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «ئىنسانىي غەمخورلۇق» نامىدا سىياسىي پاناھلىق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سابىق باش مىنىستىر بولسا ئۇنىڭ ئۈن-تىنسىز قېچىپ كېتىش بىلەن بولدى قىلىپلا قالماستىن يەنە بىر تىكئۇچار ئايروپىلانغا لىق قاچىلانغان #ئامېرىكا دوللىرى ۋە تۆت دانە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئەشرەف غەنى ئېلىپ كەتكەن پۇلنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 169 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
| https://t.me/terjime
491 views14:21
باز کردن / نظر دهید
2021-08-19 17:11:45
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ئەئزاز شەھىرىدە ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ ماددا پارتلاپ ئىككى نەپەر پۇقرا يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
498 views14:11
باز کردن / نظر دهید
2021-08-17 15:12:00
#ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىن قېچىپ چىقماقچى بولغان #ئافغانىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن «جىددىي ئەھۋال ۋىزىسى» بىجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىل ۋىزا ئۈچۈن توردا ئىلتىماس قىلىنىدىغان بولۇپ، پايتەخت يېڭى دېھلى شەھىرىدە بىجىرىلىدىكەن.
| https://t.me/terjime
485 viewsedited  12:12
باز کردن / نظر دهید