Get Mystery Box with random crypto!

⚠️

لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️ T
لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️
آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 4
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0


آخرین پیام ها 3

2021-08-27 15:42:23
#قازاقىستان جامبىل شەھىرىگە جايلاشقان بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 60 ئادەم يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. يارىلانغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھەربىي تەرەپ خىزمەتچىلىرى ئىكەن.
| https://t.me/terjime
598 views12:42
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 15:38:57 #تۈركىيە ھەربىي كۈچلىرى #سۈرىيە ئىدلىب ۋىلايىتى جەبەل زاۋىيە ئالدىنقى سەپ رايونىغا جايلاشقان ئەسەد ياللانما كۈچلىرى نۇقتىلىرىنى ئېغىر تىپلىق توپ-زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلدى.
| https://t.me/terjime
575 views12:38
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 15:30:48 #پاكىستان كاراچى شەھرىگە جايلاشقان بىر خېمىيە سانائەت زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 15 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
| https://t.me/terjime
575 views12:30
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 15:20:40
#ئامېرىكا فوكىس رادىئوسى دىكتورى، ئوبزورچى تود ستارنېس (Todd Starnes) #ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارالىق ئايرودروم سىرتىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمى ھەققىدە تۋىتتېر يازمىسى يوللاپ مۇنداق دېدى:
بۇ ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن ھەربىر ئامېرىكىلىق ئۈچۈن بىر ئافغانىستان شەھىرىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش كېرەك.
ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەزكۇر تۋىتتېر يازمىسى ئۆچۈرۈۋېتىلدى.
| https://t.me/terjime
604 views12:20
باز کردن / نظر دهید
2021-08-27 14:43:45 #ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارالىق ئايرودروم سىرتىدا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 150 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. #دائىش قوراللىق كۈچلىرى مەزكۇر ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
| https://t.me/terjime
599 views11:43
باز کردن / نظر دهید
2021-08-25 22:40:01 #بېرما ماندالاي ئۆلكىسى موگو بازىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندىمۇ 11 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
291 views19:40
باز کردن / نظر دهید
2021-08-25 22:34:41 ئامېرىكىدا ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق ھاۋارايى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل ھاۋارايى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان شىمالىي داكوتا شىتاتى، جەنۇبىي داكوتا شىتاتى، مىننېسوتا شىتاتى، ئىئوۋا شىتاتى ۋە نېبراسكا شىتاتى قاتارلىق جايلارغا ئىنتايىن ئېغىر بولغان بولۇپ، تەخمىنەن %64 پىرسەنت بۇغداينىڭ ھوسۇلى كەملەپ كەتكەن، ئۆتكەنكى ئوخشاش مەزگىلدە بولسا ئاران %6 بولغان ئىدى.
نۆۋەتتە كالىفورنىيە شىتاتى، ئارىزونا ئىشتاتى، نېۋادا شىتاتى، مونتانا شىتاتى ۋە ۋاشىنگتون شىتاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىسىمدىكى توققۇز ئىشتاتتا %95.6 رايون قۇرغاقچىلىق ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى %54.9 ئىدى بولغان ئىدى. %64.6 رايون ئىنتايىن قۇرغاق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قۇرغاق ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئاران %4.5 ئىدى.
#ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كۆممىقوناق، بۇغداي ۋە پۇرچاقنىڭ ئىسىكلاتتىكى مىقدارى 2013-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. دۇنيادىكى ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
| https://t.me/terjime
296 views19:34
باز کردن / نظر دهید
2021-08-25 22:06:04 #ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن دۆلەتلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ناھايىتى تېزلا ئايال پرېزىدېنتنى كۈتۈۋالىدۇ.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى پرېزىدىنتلىق سايلىمىغا ئايال نامزات قاتنىشىپ غەلىبە قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
| https://t.me/terjime
329 views19:06
باز کردن / نظر دهید
2021-08-25 21:59:58
#ئامېرىكا تېننېسسى شىتاتىدىكى قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا. يېزاـ بازار تاشيولى، شىتات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، كۆۋرۈك ۋە نەچچە يۈز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ۋەيران بولدى، كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ نەچچە مىڭ كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. پرېزىدېنت جو بايدېن پۈتۈن شىتاتنىڭ زور ئاپەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
| https://t.me/terjime
337 views18:59
باز کردن / نظر دهید
2021-08-25 18:19:59 #مېكسىكا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئالتە ئادەم يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
455 views15:19
باز کردن / نظر دهید