آدرس کانال:
دسته بندی ها:
اخبار
زبان: فارسی
مشترکین:
4
توضیحات از کانال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime
Ratings & Reviews
Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.
5 stars
0
4 stars
0
3 stars
2
2 stars
0
1 stars
0
آخرین پیام ها 15
2021-06-18 10:36:15
918 viewsedited 07:36
2021-06-18 10:32:07
#ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن #تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تەييىب ئەردوغان بۇ ھەپتە بىر يىغىندا ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ #ئافغانىستان زېمىندىن بىخەتەر چىقىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كابۇل ئايرودرومىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلدى.
| https://t.me/terjime
605 views07:32
2021-06-18 10:24:21
#سۈرىيە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە تەۋە سەيدنايا تۈرمىسىنىڭ سابىق تۈرمە باشلىقى ۋاسىم سۇلايمان ھەسەن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى.
| https://t.me/terjime
602 views07:24
2021-06-17 22:28:29
#ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سېكرىتارى: بىز پارلامېنتقا #ئىسرائىلىيە «تۆمۈر گۈمبەز» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ كەمچىللىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەبلەغنى تەمىنلەش تەلىپى سۇنىمىز.
| https://t.me/terjime
636 views19:28
2021-06-15 18:45:19
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ئافرىن شەھىرى كەفەر جەننەھ رايونىدا ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ ماددا پارتلاپ بىر نەپەر پۇقرا قازا قىلدى، بىرقانچە نەپىرى يارىلاندى. سۈرەتتە پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان ئاپتوموبىل.
| https://t.me/terjime
320 views15:45
2021-06-15 12:27:51
#سۈرىيە ھەسەكە ۋىلايىتى مۇزالان رايونىدا مىنا پارتلاپ ئىككى نەپەر كىچىك بالا قازا قىلدى، ئۈچ نەپىرى يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
419 views09:27
2021-06-15 12:18:01
#سۈرىيە ھاما ۋىلايىتى ئىسرىيە رايونىدا بىر ھەربىي ئاپتوموبىل #دائىش قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مىنا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر نەپەر ئوفىتسېر ئۆلدى، تۆت نەپەر ئەسكەر يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
421 views09:18
2021-06-15 11:32:58
داڭلىق ئاندروئىد تەقلىدلەش يۇمشاق دېتالى NoxPlayer دا يۈز بەرگەن تەمىنلەش زەنجىرى ھۇجۇمى (Supply-Chain attack)نىڭ Gelsemium خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغان تور ئىشپيونلۇق خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
| https://t.me/terjime
438 views08:32
2021-06-15 11:28:02
#ھىندىستان ترانسپورت ماگناتى سىتا (SITA) خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە تەخمىنەن تۆت مىليون 500 مىڭ نەپەر يولۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى. بۇ ھۇجۇمنى #خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە APT41 خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغانلىق ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.
| https://t.me/terjime
436 views08:28
2021-06-15 11:10:44
#پاكىستان لاھور شەھىرىگە جايلاشقان بىر تېز تاماقخانا بىر توپ ساقچىلارغا ھەقسىز ھامبۇرگ بولكىسى تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بارلىق خىزمەتچىلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن سولاپ قويۇلدى.
| https://t.me/terjime
436 views08:10