Get Mystery Box with random crypto!

⚠️

لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️ T
لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️
آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 4
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0


آخرین پیام ها 18

2021-06-08 06:40:11
#ھىندىستان ماخاراشترا شىتاتى پۇنى شەھىرىگە جايلاشقان بىر خىلور دىئوكسىد (سۇ تازىلاش دورىسى) ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا ئوت كېتىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەم قازا قىلدى، بەش ئادەمنىڭ دېرىكى بولمىدى.
| https://t.me/terjime
461 views03:40
باز کردن / نظر دهید
2021-06-08 06:33:10 #ئامېرىكا ئارىزونا شىتاتى فېنىكىس شەھىرى ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا ئوت كەتتى. ئوت كەتكەن كۆلەم 16 گېكتاردىن ئاشقان بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
| https://t.me/terjime
460 views03:33
باز کردن / نظر دهید
2021-06-07 08:52:18
#پاكىستان سىند ئۆلكىسىدە ئىككى تېز سۈرئەتلىك پويىز ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 30 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
295 views05:52
باز کردن / نظر دهید
2021-06-06 22:39:59 #ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا نەچچە مىڭ پۇقرا نامايىش ئېلىپ بېرىپ #خىتاي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇداپېشتقا مەكتەپ باغچىسى (قورۇ) سېلىش پىلانىغا قارشى تۇردى.
| https://t.me/terjime
425 viewsedited  19:39
باز کردن / نظر دهید
2021-06-06 22:35:10
#خىتاي نىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدا 15 پىلدىن تەركىب تاپقان بىر توپ پىل شۇ جايدىكى كەنت-بازار ۋە تېرىلغۇ ئېتىزلارغا كىرىپ زىرائەتلەرنى خالىغانچە دەسسەپ چەيلىۋەتتى. بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون #ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
| https://t.me/terjime
428 views19:35
باز کردن / نظر دهید
2021-06-06 22:29:24 #COVID-19
#ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئورتاقلىشىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە #تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە 750 مىڭ دانە ۋاكسىنا ئەۋەتىدۇ.
| https://t.me/terjime
424 views19:29
باز کردن / نظر دهید
2021-06-06 11:07:57 #ئاۋسترالىيە بىلەن #خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئېكسپورت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆمۈرنى توختىتىۋەتتى. بۇ سەۋەبلىك خىتايدا مەلۇم دەرىجىدە توك قىسلىقى كۆرۈلۈپ تەخمىنەن 24 شەھەردە توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇلدى. بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئېغىرراق بولدى. بىر قىسىم زاۋۇتلار خىزمەتتىن توختىدى. توك تەمىنلەش ئەھۋالىنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىشى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
| https://t.me/terjime
457 views08:07
باز کردن / نظر دهید
2021-06-03 00:51:22
20 views21:51
باز کردن / نظر دهید
2021-06-03 00:43:20 #NATO كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىش مۇددىتىنىڭ يېقىنلىشىشقا ئەگىشىپ #ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ھەربىي كۈچلەرگە خىزمەت قىلغان بىر تۈركۈم #ئافغانىستان پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئەنگلىيەدە تۇرالغۇ ئۆي بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كىشىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 1300 نەپەر ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىلگىرى تاجاۋۇزچى NATO كۈچلىرىگە تەرجىمانلىق قىلغان ئىكەن.
| https://t.me/terjime
19 views21:43
باز کردن / نظر دهید
2021-05-31 14:31:45
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ئەئزاز شەھىرىدە شۇ جاينىڭ ھەربىي ساقچى مىنىسىتىرى ھىشام دىربالانىڭ ئۆيىگە نىشانلانغان پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.
| https://t.me/terjime
478 views11:31
باز کردن / نظر دهید