Get Mystery Box with random crypto!

⚠️

لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️ T
لوگوی کانال تلگرام terjime — ⚠️
آدرس کانال: @terjime
دسته بندی ها: اخبار
زبان: فارسی
مشترکین: 4
توضیحات از کانال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime

Ratings & Reviews

3.00

2 reviews

Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.

5 stars

0

4 stars

0

3 stars

2

2 stars

0

1 stars

0


آخرین پیام ها 21

2021-05-19 08:57:09
#مىسىر ھۆكۈمىتى #پەلەستىن غەززە رايونىنى قايتا قۇرۇش ۋە تېببىي ياردەم ئۈچۈن 500 مىليون #ئامېرىكا دوللىرى خامچوت ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
515 views05:57
باز کردن / نظر دهید
2021-05-19 08:52:01 #ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىف ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە 735 مىليون #ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ #ئىسرائىلىيە گە دەل تېگىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش قىلمىشى #پەلەستىن پۇقرالىرىنى تېخىمۇ كۆپ تالاپەتكە دۇچار قىلىدۇ.
| https://t.me/terjime
502 views05:52
باز کردن / نظر دهید
2021-05-19 08:48:02 #COVID-19
#ھىندىستان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقۇمىغا ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردىكى قازا قىلغان دوختۇرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىشقا باشلاپ بىر كۈن ئىچىدىلا قازا قىلغان دوختۇرلارنىڭ سانى 50 نەپەرگە يەتتى. ھىندىستان مېدىتسىنا جەمئىيىتى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇم جەريانىدا جەمئىي 244 نەپەر دوختۇرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرىكى تۇنجى قېتىملىق يۇقۇم جەريانىدا 736 نەپەر دوختۇر قازا قىلغان بولۇپ، جەمئىي قازا قىلغان دوختۇرلارنىڭ سانى 1000 نەپەرگە يېقىنلاشتى. دوكلاتلارغا قارىغاندا، پۈتكۈل ھىندىستاندا پەقەت 66 پىرسەنت سەھىيە خىزمەتچىسىگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئىكەن.
| https://t.me/terjime
850 views05:48
باز کردن / نظر دهید
2021-05-19 08:39:22 #COVID-19
#ئامېرىكا نىيۇيورك شىتات باشلىقى ئاندرې گۇمو: بۇ ھەپتە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملەتكەنلەرگە نىسبەتەن كۆپ ساندىكى ئاممىۋى سورۇندا ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
| https://t.me/terjime
482 views05:39
باز کردن / نظر دهید
2021-05-18 21:22:07
232 views18:22
باز کردن / نظر دهید
2021-05-18 21:17:06 #ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر #پەلەستىن غەززە رايونىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 212 نەپەرگە يەتتى. بۇلارنىڭ 61 نەپىرى بالىلار، 36 نەپىرى ئاياللار.
غەززە رايونىدىن ئېتىلغان راكېتا ئوقىنىڭ زەربىسىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى نەپەر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەپەر ئىسرائىلىيە پۇقراسى ئۆلدى.
| https://t.me/terjime
248 views18:17
باز کردن / نظر دهید
2021-05-18 21:12:07 #تۇنىسىيە دېڭىز قىرغىقى رايونىدا مۇساپىرلار ئولتۇرغان بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئاز دېگەندىمۇ 57 ئادەم قازا قىلدى، 33 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى.
| https://t.me/terjime
256 views18:12
باز کردن / نظر دهید
2021-05-18 21:07:07
#ھىندىستان نىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى رايونلىرى كۈچلۈك تروپىك بەلۋاغ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 19 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. نۇرغۇنلىغان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلەر قاتتىق يامغۇردا ۋەيران بولدى. نەچچە يۈز مىڭ پۇقرا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى.
| https://t.me/terjime
265 views18:07
باز کردن / نظر دهید
2021-05-18 21:02:07
#ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس-ئايرېستا كىشىلەر #پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى.
| https://t.me/terjime
271 views18:02
باز کردن / نظر دهید
2021-05-18 20:55:01 #ئامېرىكا ھۆكۈمىتى #بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرىغا نامايىشنى قانلىق باستۇرغانلىق سەۋەبلىك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
| https://t.me/terjime
284 views17:55
باز کردن / نظر دهید