آدرس کانال:
دسته بندی ها:
اخبار
زبان: فارسی
مشترکین:
4
توضیحات از کانال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime
Ratings & Reviews
Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.
5 stars
0
4 stars
0
3 stars
2
2 stars
0
1 stars
0
آخرین پیام ها 16
2021-06-15 10:39:40
#پاكىستان لاھور شەھىرىگە جايلاشقان ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مايو دوختۇرخانىسىدا دوختۇر سىياقىغا كىرىۋالغان بىر سابىق بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىپ بىر نەپەر ئايالنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
| https://t.me/terjime
449 views07:39
2021-06-15 10:34:54
#ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق سايلىمى ئاخىرلىشىپ، نافتالى بېننېت (Naftali Bennett) ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن سابىق باش مىنىستىر بېنجامېن نېتانياخۇ (Benjamin Netanyahu)نىڭ 12 يىللىق دەۋرى ئاياغلاشتى.
| https://t.me/terjime
447 views07:34
2021-06-12 22:48:07
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى ئافرىن شەھىرى #كۇرد كوممۇنىست قوراللىق كۈچلىرىنىڭ توپ-زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندىمۇ 18 نەپەر پۇقرا قازا قىلدى. نۇرغۇن پۇقرا يارىلاندى. بۇ توپ-زەمبىرەك ھۇجۇمىدا يەنە شۇ جايدىكى بىر دوختۇرخانا تولۇق كاردىن چىقتى.
| https://t.me/terjime
345 views19:48
2021-06-12 22:42:38
#سۈرىيە ئىدلىب ۋىلايىتى مەئرىتى نۇھاس ئالدىنقى سەپ رايونىدا بىر نەپەر ئەسەد ياللانما ئەسكىرى مەرگەن قورالى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
| https://t.me/terjime
358 views19:42
2021-06-11 21:03:25
#پەلەستىن نى قوللايدىغان پائالىيەتچىلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ #ئەنگلىيە نىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلىپ كونترول ئاستىغا ئالدى. بۇ زاۋۇت #ئىسرائىلىيە دە ياسىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۈچۈن زاپچاس تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ھازىر زاۋۇت تولۇق خىزمەتتىن توختىدى. نامايىشچىلار يەنە زاۋۇتتىكى كەلكۈن ئەسكەرتىش چىرىقى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى دېرىزە ۋە كۆزىتىش كامېراسى قاتارلىقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. زاۋۇت تاملىرى بولسا قان رەڭگىدە قىزىل رەڭلىك سىرلار بىلەن بويالدى.
| https://t.me/terjime
311 views18:03
2021-06-11 19:28:03
#گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل كېلەر ئايدا #ئامېرىكا ۋاشىنگتون شەھىرىدە 15 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ.
| https://t.me/terjime
339 views16:28
2021-06-11 19:22:38
#ئىران ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتمەكچى بولدى. #ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
| https://t.me/terjime
340 views16:22
2021-06-11 18:19:54
#سۈرىيە ئىدلىب ۋىلايىتى بابۇلھاۋا تاشيولىدا ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىن ساقلىنىپ قالغان سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىندى.
| https://t.me/terjime
494 views15:19
2021-06-11 18:11:09
ئەلجەزىرە تورى خەۋىرى: #ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى جو بايدېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك #ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ «تۆمۈر گۈمبەز» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ياردەم تەلەپ قىلىپ ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارىدۇ.
| https://t.me/terjime
371 views15:11
2021-06-11 11:58:57
#فرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون غەربىي #ئافرىقا ساھىل رايونىدا #ئەلقائىدە ۋە دائىش قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
| https://t.me/terjime
459 views08:58