آدرس کانال:
دسته بندی ها:
اخبار
زبان: فارسی
مشترکین:
4
توضیحات از کانال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ قانالغا خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە كۆپچىلىككە پايدىلىق دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. يارىغان مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇنۇتماڭ.
🌍 | https://t.me/terjime
Ratings & Reviews
Reviews can be left only by registered users. All reviews are moderated by admins.
5 stars
0
4 stars
0
3 stars
2
2 stars
0
1 stars
0
آخرین پیام ها 20
2021-05-25 21:09:47
#ئاۋسترالىيە كۋېسلاند شىتاتىغا جايلاشقان بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ نەچچە يۈز مىڭ ئاھالىنىڭ توكى توختاپ قالدى. پارتلاش نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى پەيدا بولۇپ، مەزكۇر شىتاتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى تەسىرگە ئۇچرىدى. بەزى شەھەرلەردىكى ئايرودروم ۋە قاتناش چىراقلىرى نورمال خىزمەت قىلالمىدى.
| https://t.me/terjime
331 views18:09
2021-05-25 07:32:50
#پولشا مۇداپىئە مىنىسىتىرى تۈركىيەدىن 24 دانە بايداقدار TB2 تىپلىق قوراللانغان ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ #NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ #تۈركىيە دە ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى سېتىۋالغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
| https://t.me/terjime
345 views04:32
2021-05-25 07:12:06
#سۈرىيە ھەلەب ۋىلايىتى جەرابلۇس رايونىدا موتسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ ماددا پارتلاپ بىر جۈپ ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ قىزى قازا قىلدى.
| https://t.me/terjime
372 viewsedited 04:12
2021-05-25 06:51:18
#ئىتالىيە پېئىمونت رايونىدا ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئاسما ۋاگون چۈشۈپ كېتىپ ئاز دېگەندىمۇ سەككىز ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
| https://t.me/terjime
348 views03:51
2021-05-25 06:40:46
#خىتاي گەنسۇ ئۆلكىسى جىڭتەي تېغىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مارافونچە 100 كىلومېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى جەريانىدا ناچار ھاۋارايى كۆرۈلۈپ 21 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، سەككىز ئادەم يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
349 views03:40
2021-05-25 06:35:46
#كونگو جۇمھۇرىيتىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان نىراگونگو ئۆلكىسىدە يانار تاغ پارتلاپ ئاز دېگەندىمۇ 13 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
| https://t.me/terjime
353 views03:35
2021-05-25 06:31:07
#مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە ئىككى يېنىك تىپتىكى پويىز ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
| https://t.me/terjime
353 views03:31
2021-05-19 19:15:50
#خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ئورگانلار ۋە پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ شىفىرلانغان پۇل (بىت تەڭگىسى دېگەندەك) بىلەن سودا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىشىنى چەكلىدى.
| https://t.me/terjime
401 views16:15
2021-05-19 19:05:45
#دانىيە ھۆكۈمىتى #سۈرىيە مۇساپىرىلىرىنى ئەمدى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: سۈرىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى ھازىر ناھايىتى بىخەتەر، دانىيەدە تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر قايتىپ كەتسە تامامەن بولىدۇ.
ئەمما بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش ئېلىپ باردى.
| https://t.me/terjime
406 views16:05
2021-05-19 10:02:02
ئالما شىركىتىنىڭ #خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىتى iCloud گە كىرىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
| https://t.me/terjime
710 views07:02